维文2014年秋第四届幼鸽特比环大奖赛暨普通双关赛
来源:归巢 发布时间:2014-04-14 20:092014-يىلى كۈزلۈك تۆتىنجى نۆۋەتلىك «چوڭ مۇكاپاتلىق›› نۇۋەس كەپتەر 300 كىلومىتىرلىق ئالاھىدە ھالقىلىق مۇسابىقە ۋە ئادەتتىكى قوش ئۆتكەللىك مۇسابىقە قائىدىلىرى
1. ئۆتكۈزگۈچى ئورۇن: قەشقەر بەيگە كەپتەر كولۇبى
2. مۇسابىقىگە نازارەتچىلىك قىلىدىغان ئورۇن: ۋىلايەتلىك پوچتا كەپتە جەميىتى ،
قەشقەر ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە باش جەمئىيىتى.
3. بۇ قىتىمقى مۇسابىقە قوش ئۆتكەللىك مۇسابىقە بولۇپ(ئالاھىدە ھالقىلىق مۇسابىقە بىرىنجى ئۆتكەل 300كىلومىتىرلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بىلەن بىرگە ئىلىپ بىرىلىدۇ) ھەر بىر ئۆتەل مۇسابىقىدە كەپتەرلەرنىڭ دەرجىسى مىنۇتلۇق تىزلگىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىك تەرتىېۋى بويۇنچە تىزىلىدۇ.قوش ئۆتكەل مۇسابىقەدە كەپتەر پادىشاسىدىن ئۇچ دەرجە ئايرىپ چىقىرلىدۇ.
4. مۇكاپات ئومومى سوممىسى ۋە ئالاھىدە مۇسابىقە ھالقا باھاسى، تارقىتىش ئۇسۇلى، ھالقا سانى:
بۇ قىتىمقى ئالاھىدە ھالقىلىق مۇسابىقىدە مۇكاپاتنىڭ ئومومى چىكى بەلگىلەنمەيدۇ.سىتىلغان ئالاھىدە ھالقا ئومومى پۇل سوممىسىنى ئاساس قىلىپ پىرسەنلەشتۇرۇش شەكلى بويىنچە مۇكاپات تارقىتىلىپ بىرىلىدۇ.
ئالاھىدە مۇسابىقە ھالقىنىڭ دانىسى 100يۈەن،10دانە سىتىۋالسا ئككى دانە سوۋغا قىلىنىدۇ. 20دانە سىتىۋالسا تۆت دانە سوۋغا قىلىنىدۇ.مۇشۇ ئۇسۇل بويۇنچە سىتىلىدۇ.بىكىتىلگەن ئالاھىدە مۇسابىقە ھالقىغا بولسا: جوڭگۇ پۇشتا كەپتەر جەمئىيىتىنىڭ بۇ يىل پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ياساپ تارقاتقان ھالقا بولۇپ، ھالقا بۆلەك نۇمۇرى 162001-30-2014 دىن 163000-30-2014 گىچە بولىدۇ.
ئالاھىدە مۇسابىقە ھالقىسى قانچىلىك سېتىلىشىدىن قەتئىينەزەر بۇ يىل 7-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن بۇرۇن ئالاھىدە ھالقا سىتىلغان ئومومى سانى سىتىلغان ئومومى پۇل سوممىسى ۋە ھەربىر ئالاھىدە مۇسابىقە ھالقىسىنى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ھالقا نۇمۇرى بۆلۈكى سىتىلغان پۇل سوممىسى، مۇكاپات سوممىسىنى ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە باش جەمئىيىتىگە تاپشۇرۇپ باشقۇرۇش ساقلاپ بىرىش كىلىشىمنامىسى، كۇلۇپنىڭ تور بىتىدە ئۇزۇن مەزگىل ئاشكارلىنىدۇ. قالغان ئالاقىدار ئىشلار قەشقەر توققۇز ساراي سەيلىگاھى يىنىدىكى كۇلۇپ ئىشخانىسىدا بىجىرلىدۇ. ئالاھىدە مۇسابىقە ھالقا سىتىۋىلىش مەخسىتى بار دوسلار بولسا تۆۋەندىكى دوسلار بىلەن ئالاقىلاشقۇچىلار:
يالقۇن مەمەتئىمىن:تىلفۇن-13899127752
ئىزىزجان داۋۇت:تىلفۇن-13779847710
مەخمۇتجان راخمان-18197674440
5. مۇسابىقە ۋاقتى:
(1) سالاھىيەت مۇسابىقە ۋاقتى
2014-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى (يەكشەنبە) شىنجاڭ ۋاقتى 7:00-19:00 .
(2)بىرىنجى ئۆتكەل ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ۋاقتى:
2014-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى (يەكشەنبە) شىنجاڭ ۋاقتى 7:00-19:00
(3)ئككىنجى ئۆتكەل ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ۋاقتى:
2014-يىلى10-ئاينىڭ 2-كۈنى (پەيشەنبە) شىنجاڭ ۋاقتى 7:00-19:00
6. مۇسابىقىدە كەپتەر قويۇپ بىرىش ئورۇن بىلەن قەشقەر شەھەر مەركىزى بىلەن بولغان تۈز سىزىقلىق ئارلىقى:
(1) مارالبىشى قارقىچىن تۇرمە،تۈز سىزىقلىق ئارلىقى 180±10 كىلومىتىر.سالاھىيەت مۇسابىقىسى بىر قېتىم ئېلىپ بىرىلىدۇ.
(2) يېزا ئىگىلىك 3-دىۋىزىيە شاخور ئورمانچىلىق مەيدان 300±10 كىلومىتىردىن بىرىنجى ئۆتكەل ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بىر قېتىم .
(3) يېزا ئىگىلىك 1-دىۋىزىيە ئۇچىنجى پولىك 360±10 كىلومىتىردىن ئككىنجى ئۆتكەل ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بىر قېتىم .
7. كەپتەر يىغىش ۋاقتى، ئورنى، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى
(1) › كەپتەر يىغىش ئورنى: توققۇز ساراي رىستۇران دەرۋازا ئالدى ئوڭ تەرەپ 50مىتىر كۇلۇپ ئىشخانىسى ئالدىدا
(2) سالاھىيەتنى بىكىتىش مۇسابىقە كەپتەر يىغىش ۋاقتى:
2014-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى (شەنبە) شىنجاڭ ۋاقتى 12:00 – 14:00 گىچە، ئالاھىدە ھالقا مۇسابىقە بىلەن ئادەتتىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەر ئايرىم جەدىۋەلگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تولدۇرىدۇ.بوران چاپقۇن يامغۇر ياققان تەقدىرمۇ مەشغۇلىيەت ئۆزگەرمەيدۇ، ۋاقىت ئۆتسە ساقلاپ تۇرمايدۇ.(ئادەتتىكى ياكى ئالاھىدە مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان بارلىق ھەربىر كەپتەردىن 20 يۈەندىن ھەق ئېلىنىدۇ) .
(3)بىرىنجى ئۆتكەل ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كەپتەر يىغىدىغان ۋاقتى:
2014-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى (شەنبە) شىنجاڭ ۋاقتى 12:00 – 14:00 گىچە ئالاھىدە ھالقىلىق كەپتەرلەر بىلەن ئادەتتىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەر ئايرىم مۇسابىقىگە قاتنىشىش تىزىملاش جەدىۋىلىنى تولدۇرىدۇ. ھەربىر كەپتەر ئۈچۈن 30 يۈەن ھەق ئېلىنىدۇ.
(4)ئككىنجى ئۆتكەل ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كەپتەر يىغىدىغان ۋاقتى:
2014-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى (چاشەنبە) شىنجاڭ ۋاقتى 10:00 – 12:00 گىچە ئالاھىدە ھالقىلىق كەپتەرلەر بىلەن ئادەتتىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەر ئايرىم مۇسابىقىگە قاتنىشىش تىزىملاش جەدىۋىلىنى تولدۇرىدۇ. ھەربىر كەپتەر ئۈچۈن 30 يۈەن ھەق ئېلىنىدۇ.
(5) مۇسابىقە كۈنى ئەگەر ناچار ھاۋا كىلىماتىغا ئۇچراپ قالسا، كەپتەرلەر قايتۇرۇپ كىلىنىپ، مۇسابىقىنىڭ ئېلىپ بىرىلىش ۋاقتىنى كۇلۇپ ئايرىم ئۇختۇرۇش قىلىدۇ.
(6) مۇسابىقە ئىشلىرىدا ئۆزگىرىش بولسا كۇلۇپنىڭ ئەڭ يىڭى ئۇختۇرغان ۋاقتى ئاساس قىلىنىدۇ.
8. مۇكاپات سوممىسىنى تەخسىملەش ئۆلچىمى
(1)ئالاھىدە ھالقىلىق مۇسابىقىدە مۇكاپات سوممىسى سىتىلغان ئومومى ھالقا پۇل سوممىسىنى يۇز پىرسەنت مۇكاپات سوممىسى قىلىپ تەخسىملەپ بىرىلىدۇ.
چىمپىيۇن
ئىككىنجى
ئۇچىنجى
4—5
6—10
11—50
51-80
10%
7%
5%
3%
2%
1%
0.6%