您所在的位置: 首 页 > 赛鸽俱乐部 > 俱乐部规程

维文喀什噶尔赛鸽俱乐部2014年春赛竞赛规程

来源:归巢   发布时间:2014-04-14 20:09
 

قەشقەر بەيگە كەپتەر كۇلۇبىنىڭ 2014- يىللىى باھارتۆتىنجى نۉۋەتلىك (ئۈمىد لوڭقىسى تالىشىش) مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسىنىڭ قائىدە تەرتىۋى

 

1. ئورۇنلاشتۇرغۇچى ئورۇن: قەشقەر بەيگە كەپتەر كۇلۇبى.

2.مۇسابىقىنى نازارەت قىلغۇچى ئورۇن:ۋىلايەتلىك مەدىنىيەت تەنتەربىيە ئىدارىسى،ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە باش ئۇيۇشمىسى ۋىلايەتلىك پوچتا كەپتە جەميىتى

3.بۇ قىتىمقى مۇسابىقە بىر ئۆتكەللىك مۇسابىقە بولۇپ كەپتەرلەرنىڭ دەرجىسى مىنۇتلۇق تىزلگىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىك تەرتىېۋى بويۇنچە تىزىلىدۇ.

4 .مۇسابىقە ۋاقىتى:

‹1›180 كىلومىتىرلىق تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ۋاقتى: 2014-يىلى2- ئاينىڭ 16- كۈنى.(يەكشەنبە)

‹2›300 كىلومىتىرلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ ۋاقتى: 2014- يىلى 2- ئاينىڭ 23- كۈنى ‹شىنجاڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8:30 دىن كەچ سائەت 6:00-گىچە›(يەكشەنبە)

 

5. مۇسابىقە ئارىلىقى:

 ‹1› 180 كىلومىتىرلىق تاللاش مۇسابىقىسى بىر قىتىم. (مارالبىشى قارا قىچىن تۇرمە ئەتراپى)

‹2› 300 كىلومىتىرلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بىر قىتىم.(قويۇپ بىرىش ئورنى مارالبىشى شاخۇر ئورمانچىلىق مەيدانى)

6. مۇسابىقە قائىدىسى ۋە تەلىۋى :

‹1›بۇقىتىمىلىق مۇسابىقە جۇڭگۇ پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتىنىڭ (2002) يىلىدىكى مۇسابىقە قائىدىسى ۋە رىپىرلىق ئۇسۇلىغا قاتتىق ئەمەل قىلغان ئاساستا ئىلىپ بىرىلىدۇ.

‹2›مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار چوقۇم قۇما ئورنىنى GPS تە ئۆلچەتكەن بولىشى كىرەك.شۇنىڭ بىلەن 2014 يىللىق ئەزالىق بەدەل پۇلىنى تاپشۇرغان بولىشى قولىدا ئەنجيې ماركىلىق ئىلىكتۇرۇنلۇق سىكانىرلاش سائىتى بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ۋە يۇنفىي ماركىلىق قول بىلەن ھەركەتلەندۇرلىدىغان ئىلىكتۇرۇنلۇق سائەت بولۇشى كىرەك.غەيرى كۇلۇپ ئەزالىرىنىڭكى مۇسابىقىگە قاتنىشىشى سىپايىلىق بىلەن رەت قىلنىدۇ.مۇسابىقىنىڭ ئادىللىقغا كاپالەتلىك قىلىشى ئۈچۈن قەشقەر شەھەرنىڭ خەلق مەيداننى مەركەز قىلغان 30كىلومىتىر دائىردىكى قۇما ئىگىلىرى مۇسابىقىگە ئۆز نامى بىلەن قاتناشسا بولىدۇ.

‹3› مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەرلەرگە جۇڭگو پوچتا كەپتەرلەر جەمئيىتىدىن تارقاتقان بىر تۇتاش ھالقا سېلىنىشى كىرەك. ھالقا كارتىسى بولمىسا نەتىجىسى ئىناۋەتسىز.

‹4› مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىىلار مۇسابىقىگە تىزىمغا ئالدۇرۇش جەدىۋىلىنى ئەستايىدىل تولدۇرشى لازىم. ھالقا نۇمۇرى ،پەي رەڭگى ،جىنس ئايرىمىسى ،كۆز رەڭگى خاتا تولدۇرسا،مەزمۇنىنى چۇشۇرۇپ قويسا، ئۆزگەرتسە،شۇ كەپتەرنىڭ نەتىجىسى ئىناۋەتسىز.  

‹5›مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەرنىڭ قۇما ئادىرىسىنى ئۆلچەتكۇزگەن بولۇشى، ئۆلچىگەن ئورۇن بوشلۇقتىكى گىرادۇس ئارلىق بىلەن بىردەك بولۇشى كىرەك. ئەگەر ئۆزگىرىش بولسا، ئەمەلىي ئۆلچەش نەتىجىسى ئاساس قىلىنىدۇ.

‹6›ھەر قىتىمقى مۇسابىقىنى ئۇچتىن ئارتۇق كۇلۇپ ئەزاسى ۋەكىل بولۇپ كەپتەر يىعىش، قويۇپ بىرىش قاتارلىق پۇتۇن جەرياننى سىنئالغۇغا ئالىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر قانداق ۋاقىت ھەر قانداق ئورۇندا ھەر قانداق كىشىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىمىز.ئەگەر ساقتا قىلمىش بايقالسا تەكشۇرۇش ئارقىلىق ئەمىليەتكە ئۇيغۇن بولسا ،پاش قىلعۇچىعا 1000يۇەن (مىڭ يۇەن) مۇكاپات بىرىلىدۇ. ھەم شۇ كىشىنىڭ مەخپىيەتلىگى ساقلىنىدۇ.

7. كەپتەر يىغىش  ئورنى ۋە ھەق ئىلىش ئۆلچىمى:

‹1› كەپتەر يىغىش  ئورنى: توققۇز ساراي رىستۇران دەرۋازا ئالدى ئوڭ تەرەپ 50مىتىر كۇلۇپ ئىشخانىسى ئالدىدا.

‹2›180كىلومىتىرلىق تاللاش  مۇسابىقىنىڭ كەپتەر يىغىش ۋاقتى: 2014- يىلى 2- ئاينىڭ 15- كۈنى(شەنبە) شىنجاڭ ۋاقتى چۇشتىن كىيىن سائەت 12:00دىن 14:00گىچە، كەپتەرنى كىچىكىپ ئىلىپ كەلگۇچىلەرنى ساقلىمايدۇ. ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل. بىر كەپتەرگە 20 يۈەن ئىلىنىدۇ.

‹3› 300 كىلومىتىرلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ كەپتەر يىغىش ۋاقتى: 2014- يىلى 2- ئاينىڭ 22- كۈنى(شەنبە) شىنجاڭ ۋاقتى چۇشتىن كىيىن سائەت 12:00دىن 14:00گىچە ۋاقىت ئۆتسە ساقلاپ . بىر كەپتەرگە 30 يۈەن ئىلىنىدۇ.

‹4› مۇسابىقە ئىلىپ بىرىىلىدىغان كۈنى ھاۋارايىدا ئۆزگۇرۇش بولسا كۈلۈبىمىز كەپتەر قويۇپ بىرىش ۋاقتىنى ئايرىم ئۇقتۇرىدۇ.

‹5›ئەگەر مۇسابىقىدە ئوزگۇرۇش بولساكۇلۇبىمىزنىڭ يىڭى چىقارغان ئۇقتۇرىشى ئاساس قىلىنىدۇ.

8.مۇكاپات تارقىتىش ئۆلچىمى: (ئومومى مۇكاپات سوممىسى 13000مىڭ يۈەن). (ئون ئۇچ مىڭ يۇەن)

‹1› 300 كىلومىتىرلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئومومى مۇكاپات سوممىسى (13000 مىڭ يۇەن) (ئون ئۇچ مىڭ يۇەن) بىرىنجى دەرجە 2000يۈەن ئككىنجى دەرجە 1500يۈەن ئۈچچىنجى دەرجە1000يۈەن تۆتىنجىدىن ئونىنجىگىچە‹4-10› 500يۈەن ئون بىرىنجى دەرجىدىن يىگىرمىنجىگىچە‹11-20›300يۇەن يىگىرمە بىرىنجىدىن ئوتتۇزىنجىگىچە(21-30) 200يۇەن بىرلىدۇ.

تاللاپ كۆرسىتىلگەن يەككە كەپتەرلەر مۇسابىقىسىدە يىغىلغان ئومومى پۇل سوممىسىنىڭ 10پىرسەنتى كۇلۇبىمىزنىڭ تەشكىللەش ھەققى قىلىپ تۇتۇپ قىلىنىدۇ. قالغان90پىرسەنتى مۇكاپات سومما ئاساسى قىلىنىپ تارقىتىلىپ بىرىلىدۇ.مۇكاپات بىرىش ئۇسۇلى:بىرىنجى دەرجىگە 50پىرسەنت ئككىنجى دەرجىگە30پىرسەنت ئۈچىنجى دەرجىگە 20پىرسەنت.

9.كەپتەر كەلگەندە  ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ئۇسۇلى:

1)بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدە قوش رىلىس تۇزۇمىدىكى ئۆزىنى مەلۇم قىلىش شەكلى قوللىنىلىدۇ.يەنى ئەنجې ماركىلىق ئىلىكتۇرۇنلۇق سىكانىرلاش سائىتى بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ۋە يۇنفىي ماركىلىق قول بىلەن ھەركەتلەندۇرلىدىغان ئىلىكتۇرۇنلۇق سائەت بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلىش رەسمىيتى ئوخشاش ۋاقىتتا ئىشلىتىلىدۇ.ئوخشاشلا كۇچكە ئىگە مۇسابىقىگە كەپتەر يىغىش بىرلا ۋاقىتتا ئىلىپ بىرلىدۇ.لىكىن ئايرىم رەسمىيەت ئۆتۇلىدۇ.

2) ئىلىكتۇرۇنلۇق سىكانىرلاش سائىتى بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلىدىغان ئەزالار چوقۇم ئالدىن ئىلتىماس قىلىشى ،ئىلىكتۇرۇنلۇق سىكانىرلاش سائىتىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئىشلىتىش مەشغۇلات ئۇسۇلىنى تولۇق ئىگەنلگەن بولۇشى ھەم كۆرسەتكەن تەرتىپ بويىنچە مەشغۇلات ئىلىپ بىرىشى كىرەك.ئىككى خىل ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ئۇسۇلىدىن بىر تۈرنىلا ئىشلىتىش تەلەپ  قىلىنىدۇ.ئىككى خىل ئۇسۇلدا تەڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا بولمايدۇ.

3)ئىلىكتۇرۇنلۇق سىكانىرلاش سائىتى بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ئەپچىل، تىز،ۋاقىت،كۇچ تىجەيدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە.لىكىن ئوبىكتىپ سەۋەپلەرنىڭ چەكلىشى سەۋەپلىك بەزى بى نۇرمال ئەھۋاللار كۆرلۇشى مۇمكىن، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى چوقۇم ئىلىكتۇرۇنلۇق سىكانىرلاش سائىتىنى ئشلىتىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان خەۋىپ خەتەرنى ئۆزى ئۇستىگە ئىلىشى كىرەك. مەسىلەن:مەشغۇلات خاتالىقى ،توك توختاپ قىلىش،ئالاقىە ئۇچۇر سىگىنالى راۋان بولماسلىق سان سىفىر يوللاش سۇرئىتى ئاستا بولۇش ،سان سىفىر يوق بولۇپ كىتىش ماگىنىتلىق ئىلىكتۇرۇنلۇق ھالقا سىكانىرلانماسلىق ياكى ئىلىكتۇرۇنلۇق ماگىنىتلىق ھالقا چۇشۇپ قىلىش ،بۇزۇلۇپ كىتىش قاتارلىق مۇسابىقىگە قاتنىشىش مۇۋاپىقىيەتلىك بولماسلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ئاقىۋەتلەرگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ.بۇ ئىشلارغا كۇلۇبىمىز مەسئۇل بولمايدۇ.

4)كەپتەر مۇسابىقىسىدە ئىلىكتۇرۇنلۇق سىكانىرلاش سائىتىدە ئۆزىنى مەلۇم 

قىلغان لىكىن ئۇنۇملىك ئۆزىنى مەلۇم قىلىش قەرەلىدە سان ئۇچۇرمەركىزى سانلىق ئامبىرىغا يوللانمىغان بولسا ھەر قانداق سەۋەپ بولشىدىن قەتئىي نەزەر مۇسابىقە نەتىجىسى ھىساپلانمايدۇ.ھەم مۇسابىقە دەرىجىسىگە

كىرگۇزۇلمەيدۇ. 

دوسلارنىڭ چۇشەنمىگەن تەرەپلىرى بولسا ئەنجى شىركىتىدىكى شىياۋياڭ بىلەن ئالاقىلىشىڭ. تىلفۇن :13958044432

5)بۇ قىتىمىقى مۇسابىقىدە كۇلۇبىمىز تارقاتقان ئىلىكتۇرۇنلۇق ھالقا ئىشلىتىلىدۇ.(ئەزالار ئۆزلىرى ئىشلىتىۋاتقان ئىلىكتۇرۇنلۇق ھالقا ئەنجې شىركىتىنىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇر ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان ھالقا  بولىشى كىرەك).كەپتەر ئىگىسى چوقۇم مۇسابىقىگە كەپتەر يىغىشتىن ئۈچ كۇن بۇرۇن مۇسابىقىگە سالماقچى بولغان كەپتەرنىڭ ماس ئۇچۇرلىرى كىرگۇزۇلگەن ئۈزۈك سانلىق ئۇچۇرىنى مەركىزى سانلىق باش ئامبارغا يوللاپ بىرشى كىرەك.كەپتەر يغقان كۇنىى سان ئۇچۇرنى يوللاش ياكى مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەرنىڭ ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتىش شارائىتى يوق.

6)بۇقىتىمقى  مۇسابىقىدە ئەنجې ماركىلىق ئىلىكتۇرۇنلۇق سىكانىرلاش سائىتىدە ئۆزى مەلۇم قىلىش بىلەن يۇنفىي ماركىلىق قولدا ھەركەت قىلىدىغان ئىلىكتۇرۇنلۇق سائەتتە ئۆزىنى مەلۇم قىلىش تورغا ئۇلىنىدۇ،ئىلىكتۇرۇنلۇق سىكانىرلاش سائىتىدە ئۆزىنى مەلۇم قىلغاندا ئالاقىلىشىش ئۇسكۇنىسى 24سائەت ئۆزىنى مەلۇم قىلىش سانلىق ئۇچۇرنى قوبۇل قىلىدۇ.يۇنفىي ماركىلىق ئىلىكتۇرۇنلۇق سائەت بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلغاندا سان ئۇچۇرنى يولىغان ۋاقىت ئاساس قىلىنىدۇ،مۇسابىقىە مىنۇتلىق تىزلىگى بويۇنچە ھساپلىنىدۇ.ئككى خىل ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئككىلىسىدە كومپىيۇتىر ئاپتۇماتىك قوبۇل قىلغان سانغا ئاساسەن ھەم مۇسابىقە قائىدىسىدە بەلگىلەنگەن ،بىكىتكەن قەشقەر شەھەرنىڭ كۇن چىقىش كۇن پىتىش ۋاقىت جەدىۋىلنى ئاساس قىلىدۇ.

7)خىزمەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يۈنفىي مارىلىق قولدا ئىشلىتىلىدىغان ئىلىكتۇرۇنلۇق سائەت ئىشلەتكۇچىلەر پەقەت بىر دانە سائەت ئىشلەتسە رۇخسەت ئۇنىڭدىن ئارتۇق سائەتنىڭ ئۇچۇرى قوبول قىلىنمايدۇ.بۇسائەت بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلغان ۋاقىتتا بىرىنجى كەپتەرنى ئىلىپ كىلىشى كىرەك.سائەتنى ئۇرغاندا سائەت ئستىرىلكىسىنىڭ ئوڭ يۆلىنىشىدە ئۇرۇش مەخپى چاپلاقنى سائەت ئۇرۇقچىسىنىڭ ئىچكى كامىرىغا كىرگۇزۇلگەن بولۇشى،ئۇرۇقچىنىڭ ئىغىزى چوقۇم تۆۋەنگە قارتىلغان بولىشى ،ئۇرۇقلار ئارسىدا بوش كامار بولماسلىقى كىرەك.ئۇنداق بولمىسا بۇسائەتتىكى بارىلىق كەپتەر نەتىجىسى ئىناۋەتسىز.كەپتەر كىلىپ 120مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە سائەتتىكى نەتىجە كۇچكە ئىگە،بۇ ۋاقىتتىن ئىشىپ كەتسە نەتىجىسى ئىناۋەتسىز.

8)سائەتتە  ھەر قانداق سەۋەپتىن  كاشىلا كۆرۇلۇپ سان سىفىرلارنى كومپىيۇتىرغا كىرگۇزگىلى بولمىسا بۇ ئاقىۋەتكە كەپتەر ئىگسى ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ.

10.تەكشۇرۇپ ئۆتكۇزىۋىلىپ دەرجىسىنى مۇقۇملاشتۇرۇش :

‹1›كۇلۇپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇسابىقە ئالدى كەينىدە ھەرقانداق قۇمىنى ھەر خىل شەكىلدە ھەر خىل ئۇسۇلدا تەكشۇرۇپ ئىنىقلاش ھوقوقى بولىدۇ.ئەگەر كەپتەر باققۇچى تەكشۇرۇشكە ماسلاشماي ،تەكشۇرۇپ ئىنىقلاشنى رەت قىلسا كەپتەر باققۇچىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھيىتى ئىلىپ تاشلىنىپ،مۇسابىقىدىكى نەتىجىسى بىكار قىلىنىدۇ.

‹2›مۇسابىقە نەتىجىسىگە قايىل بولمىغانلار مۇسابىقە نەتىجىسى ئىلان قىلىنغان كۈنى 1000 يۈەن (مىڭ يۇەن) تاپشۇرۇپ 3كۇن ئىچىدە دەۋا قىلىسا بولىدۇ. دەۋا توغرا بولۇپ غەلىبە قىلسا 1000 يۈەن(مىڭ يۇەن)  زاكالەت پۇلى قايتۇرۇپ بىرىلىدۇ. دەۋا مەغلۇپ بولسا پۇلى قايتۇرۇلمايدۇ.

11. مۇكاپات تارقىتىش ۋە باھا تالاشتۇرۇپ سىتىش ئۇسۇلى:

‹1› مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ ئالدىنقى 30نىڭ ئىچىگە كىرگەن كەپتەرلەر ئاشكارا باھا تالاشتۇرۇلۇپ سىتىلىدۇ. باھا تالاشتۇرۇپ سىتىشتىن بۇرۇن كەپتەر ئىگىسى دەرىجىگە ئىرىشكەن كەپتەرلەرنىڭ قان نەسەبى، بۇرۇن ئالغان نەتىجىسى قاتارلىقلارنى تولۇق تولدۇرۇپ ئەكىلىشى كىرەك. بىرىنجى، ئىككىنجى، ئۈچچىنجى بولغان كەپتەرلەرنىڭ دەسلەپكى سىتىلىش باھاسى 1000 يۈەن (مىڭ يۇەن) بولۇپ، قالغان كەپتەرلەرنىڭ دەسلەپكى سىتىلىش باھاسى 500 يۈەن بولىدۇ. باھا تالاشتۇرۇپ سىتىلغان كەپتەرلەرنىڭ پۇلى %80 بويىچە ئىگىسىگە قايتۇرلىدۇ. %20 پۇلى تەشكىللىگۇچى ئورۇنغا راسخوت قىلىنىدۇ. سىتىلمىغان كەپتەرلەرنى باھا تالاشتۇرۇپ سىتىش پۇلىنىڭ دەسلەپكى سىتىلىش باھاسىنىڭ %20 بويىچەتاپشۇرۇپ، كەپتەرنى 3كۇن ئىچىدە ئىگىسى ئىلىپ كەتسە بولىدۇ.

‹2›بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدە بىردىن بىر كەلگەن كەپتەرنى ئومومى مۇكاپات سوممىسى بىلەن مۇكاپاتلاش تۇزۇمى قوللىنىلمايدۇ.ئەگەر بەلگىلەنگەن مۇسابىقە ئۈنۈملۈك ۋاقتى ئىچىدە كەپتەرلەر كەلمىسە بۇقىتىمقى مۇسابىقە  مۇكات سوممىسى كىلەر قىتىملىق مۇكاپاتلىق ئومومى مۇكاپات سوممىسىغا قىتىۋىتىلىدۇ.

‹2› باھا تالاشتۇرۇپ سىتىش ۋاقىتى، ئورنى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ. بارلىق مۇكاپات ۋە لوڭقىلار نەخ مەيداندا تارقىتىلىپ بىرىلىدۇ. ھەرقانداق سەۋەپ بىلەن كەپتەرنى سىتىش ئورنىغا ئىلىپ كەلمىگەنلەرنىڭ بارىلىق مۇكاپات پۇلى تۇتۇپ قىلىنغاندىن سىرست شۇ كىشىنىڭ قەشقەر بەيگە كەپتەر كۇلۇبىدا ئىككى يىلغىچە مۇسابىقە ئويناش سالاھىتى ئىلىپ تاشلىنىدۇ.

12. ھەر قانداق ئويلىمىغان سەۋەپلەر ۋە ئامىللار تۇپەيلىدىن كىلىپ چىققان زىيانغا كۇلۇبىمىز ئىگە بولمايدۇ (زىياننى تۆلەش مەسئۇلىيىتى بولمايدۇ).

13. باشقا ئالاقىدار ئىشلار ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.

14.ئەگەر كەپتەر باقىدىغان دوسلارنىڭ چۇشەنمىگەن تەرەپلىرى ۋە پىكىرى بولسا:

يالقۇن: 13899127752

15.بۇ مۇسابىقە قائىدە تەرتىپلىرىنى چۇشەندۇرۇش ھوقوقى قەشقەر بەيگە كەپتەر كۇلۇبىغا مەنسۇپ.

تۈزگۈچى ئورۇن:

قەشقەر بەيگە كەپتەر كۇلۇبى

 

已有0条评论,共0人参与

插入表情

相关阅读